نامسىز ئۆسمۈر قەھرىمانلار – 120 (تۈركچە فىلىم)
بۇ فىلىم تۈرك خەلقىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى ۋەتەننى قوغداش كۆرىشىدە پىداكارلىق بىلەن ئالدىنقى سەپكە قورال – ياراق توشۇشقا ئاتلانغان، 120 ئۆسمۈردىن تەركىپ تاپقان ئۆسمۈر قەھرىمانلارنىڭ شان – شەرىپىگە ئاتالغان بىر فىلىمدۇر. رۇسلار ئەرزۇرۇم (Erzurum) شەھرىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان پەيىتتە، بۇ شەھەرنى قوغداۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ قورال-ياراقلىرى يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن، قىرى ۋە ئاقساق – چولاقلاردىن باشقىلار ئەسكەرلىككە كەتكەن ۋان (Van) شەھىرى خەلقى قوللىرىدىكى قورال-ياراق ۋە ئوزۇق تۈلۈكلەرنى رۇسلارغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان ئەسكەرلىرىگە يەتكۈزۈپ بىرىشكە تىرىشىدۇ. قورال – ياراقلارنى توشۇشقا ئادەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ يېشىدىكى 120 ئوقۇغۇچى بۇ ئىشقا ئاتلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرمېنىي قاراقچىلىرى يولدا بۇ ئۆسمۈرلەرگە تۇزاق قورىدۇ، ئۆسمۈرلەر ياردەمگە كەلگەن ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئەرمېنىي قاراقچىلىرىنى يوقىتىدۇ، قورال – ياراقلار ئەسكەرلەرگە ساق-سالامەت يەتكۈزىلىدۇ. قايتىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۆسمۈرلەر 5-6 كۈن قارلىق تاغلاردا يول يۈرگەندىن كېيىن ۋان شەھرىگە يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ، ئەمما قاتتىق شىۋىرغان ئىچىدە قارلىق دالىدا ناھايتى زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. 120 ئۆسمۈر پىدائىدىن، 40 نەپىرى ۋان شەھىرىگە توڭلاپ، كۈچ-ماغدۇرىدىن ئايرىلغان ھالدا قوللىرىدىكى تۈرك بايرىقىنى يەرگە چۈشۈرمەي يېتىپ كىلەلەيدۇ، قالغان 80 نەپىرى شېھىت بولىدۇ…
بۇ فىلىمنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە ياكى رەسىمنىڭ ئۈستىگە چېكىڭ! …»»»


