ئىسلام بىلىملىرى كۈتۈپخانىسى
1. ئىبنى كەسىر تەپسىرى 1- قىسىم (چۈشۈرۈش)
2. ئىبنى كەسىر تەپسىرى2- قىسىم (چۈشۈرۈش)
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېسسىي مۆجىزىلىرى
1. ئاينىڭ ئىككىگە بۆلۈنگەنلىكى
مۇشرىك ئەرەبلەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «ئەگەر سەن راستىنلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بولىدىغان بولساڭ، بىزنىڭ تەلەبلىرىمىزنى ئورۇنلايسەن. ئاينى ئىككىگە بۆلۈپ بېرەلىسەڭ، ساڭا بىز ئەگىشىمىز» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ ۋە ئاينى ئىككىگە بۆلۈپ كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئاينى ئىككىگە بۆلۈپ كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋەقەلىكنى ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس، ئەنەس ئىبنى مالىك، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە باشقا مەشھۇر ساھابىلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنلىكىنى سۆزلىگەن. ئىمام بۇخارىمۇ «سەھىھۇلبۇخارىي» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە بۇ ۋەقەلىكنىڭ راستلىقىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئىسپاتلاپ بايان قىلغان. …»»»
ئىنسانلارنىڭ رامىزاندىكى ھالەتلىرى
ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمەنامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:
”ئۇلۇغ رامىزان ئېيى مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك پۇرسەت، ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا زايا قىلىۋەتمەسلىكى لازىم“ دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. …»»»
رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار
رامىزان ئېيى ئىبادەت ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ئېيىدۇر:
مۇسۇلمان كىشى رامىزان ئېيىنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئىبادەتلەرنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنلاش ۋە دىنى بىلىملەرنى كۆپلەپ ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بىر دىنى مەدرىسە ھېسابلىشى لازىم. چۈنكى رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئاي بولغانلىقتىن، بۇ ئاي ئىبادەتكە بېرىلىش، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ھەرتۈرلۈك دىنى بىلىملەرنى تەھسىل قىلىش ئېيىدۇر. بۇ ئايدا قىلغان ياخشىلىقلارغا نەچچە ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلىدۇ. چۈنكى رامىزان ئېيى ئىچىدىكى قەدىر كېچىسى ساۋابتا ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان ئىكەن، بۇ ئايدا قىلىنغان بىر ياخشىلىقنىڭ مىڭ ھەسسە بولۇپ يېزىلىشى تەبىئىيدۇر. …»»»
رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىكى 10 تەۋسىيە
بارچە ماختاش ۋە مەدھىبەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. دۇرۇد، دۇئا ۋە سالاملار ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبەر ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.
ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، يامان ئادەتلەرنى تاشلاش، ئېسىل پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش، ئىستىقامەتتە مۇستەھكەم بولۇش ۋە ئىماننى يېڭىلاش پۇرسىتىدۇر. رامىزان ئېيىدىكى روزا تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت بولۇپ، بۇ روزىدىن مەقسەت ئەتىگەندىن كەچكىچە قورساقنى ئاچ قويۇپ بېھۈدە قىينىلىش ئەمەس، بەلكى نەپسىنىڭ ئىستەكلىرىنى كونترول قىلىشنى ۋە سەبىرچانلىقنى ئۆگىنىش، چىدام ۋە ئىرادىنى تىكلەشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدىنى ئىخچاملاپ:« روزا يېمەك ۋە ئىچمەكنى تەرك ئېتىشلا ئەمەس، بەلكى روزا تۇتقانلىق دېگەن پايدىسىز ئىشلاردىن ۋە گۇناھ قىلىشتىن توسۇلۇشتۇر. بېراۋ سېنى تىللىسا،”مەن روزىدارمەن“دېگىن»دەپ كۆرسەتكەن. …»»»
ئائىلە ۋە رامىزان
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
مۇسۇلمان كىشىنىڭ رامىزان ئېيىغا ئۇلىشىپ بۇ ئايدا روزا تۇتۇپ، تەراۋىھ نامازلىرىنى ئوقۇشى بۇ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرىدىن، بۇ ئايدا قىلغان ياخشىلىق نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، دەرىجىلەر يۇقىرى بولىدۇ، ئاللاھ دوزاخ ئەھلىدىن نۇرغۇنلىرىنى ئازات قىلىدۇ، مۇسۇلمان كىشى بۇ ئايدا ئۆزىگە ياخشىلىق بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىنىشى، ئاللاھغا تائەت – ئىبادەت قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر كېسەللىك ياكى توغرا يول تاپالماسلىق ياكى بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىش سەۋەپتىن بۇ ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ. …»»»
ئاياللار، بىمارلار، مۇساپىرلار قاتارلىقلارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر
ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەققىدە:
ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇشى، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى، قۇرئان كەرىمنى تۇتۇشى ۋە كەبىنى تاۋاپ قىلىشى جائىز بولمىغاندەك، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشلىرىمۇ جائىز ئەمەستۇر. ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى، ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ قەتئى توغرا ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇھالەتتە تۇتقان روزىسىنىڭ بېكار بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلىق ۋاقىتلىرىدا تۇتالمىغان پەرز روزىلىرىنى پاك بولغان باشقا ۋاقىتلاردا تۇتۇشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى قارار قىلىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ئايلىق ئادەت ئىچىدە بولغان ۋاقىتلىرىمىزدا روزا تۇتمايتتۇق، ناماز ئوقۇمايتتۇق. روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، ئەمما نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق » (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى). …»»»
روزا ھەققىدە تەپسىلى چۇشەنچە
روزىنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى:
روزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى- ئۆزىنى بىر نەرسىدىن مەنئى قىلىش دېمەكتۇر. روزىنىڭ شەرىئەت ئىستېمالىدىكى مەنىسى – تاڭ يۇرۇغاندىن باشلاپ قۇياش پاتقانغا قەدەر، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن يېمەك- ئىچمەك ۋە جىنسىي ھەۋەستىن ئۆزىنى مەنئى قىلىش دېمەكتۇر. …»»»
مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟
مەخلۇقاتلارنى يوقتىن بار قىلىپ، ئۇلارنى رىزقلاندۇرغان بارلىق كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا مىڭلاپ ھەمدۇ سانا، شۈكۈر ـ رەھمەتلەرنى ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستەپا ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ۋە سالاملارنى يوللىغاندىن كېيىن، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئېلىش ھەققىدە خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشايلى، دېگەن مەقسەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل نوقتىنى ھازىرلاپ، بۇ يەردە ئېلان قىلدۇق.
بۇ قىسقىغىنە يېزىلغان بىر پارچە رىسالە، رامىزان ئېيىنى ساق ساغلام كۆتىۋالغان ھەر بىر موسۇلمان ئەر ۋە ئايالغا قىلىنغان ھەدىيە بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بويرىغان ئەمەللەر ۋە ئىبادەتلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەتبىقلىغان قائىدە ـ پرىنسىپلىرى بويىچە ئادا قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنداقتا رامىزاننى قارشى ئېلىشنىڭ ئەڭ ساغلام يوللىرى زادى قايسىلار؟ …»»»
رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرى
1 – رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ئايدۇر.
رامىزان ئېيى بارلىق ئايلارنىڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ شەرەپلىكىدۇر، چۈنكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھىدايەتنىڭ بىردىن بىر مەشئىلى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇشقا (يەنى چۈشۈشكە) باشلىنىشى رامىزان ئېيىدا ئەمەلگە ئاشقان. ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولغانلىقى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە بېغىشلانغان ئەڭ بۈيۈك نېمەتنىڭ تاماملانغانلىقى ئىدى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر»(بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت). …»»»
روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىق ئەخلاق ۋە چۇشەنچە
بارلىق كائىناتنى يوقتىن بار قىلىپ، ھەممىگە مۇۋاپىق رىزق ئاتا قىلغان جانابى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ بىزگە بەرگەن بارلىق نىئمەتلىرىگە مىليۇنلارچە ھەمدىلەر بولسۇن، پەخرى كائىنات پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە، تابىئىنلارغا ۋە تا قىيامەتكە قەدەر توغرا يولغا ئەگەشكەن سالىھ كىشىلەر مىڭلارچە سالام!!!
ئىي ھەممىگە قادىر ئاللاھ بىزنى بۇ مۇبارەك ئايغا ساق- سالامەت، ساغلام ھالدا يەتكۈزگىن، رامىزان ئېيىدا ساڭا خالىس ۋە ھەر ۋاقىت ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن، بۇ ئايدا بىزنى ئەڭ ياخشى، سېنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە رازى قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن!!! سەن ھەممىگە قادىرسەن، تىلەكلىرىمىزنى قورۇق قايتۇرمىغىن!!! … …»»»
ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﭖ – ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﯘﻫﺘﺎﺟﺪﯗﺭ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻫﻪﺭ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ – ﻳﻮﺳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﺏ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. …»»»

